يالقۇن - باھارگۈل ئىبراھىم

         چىقتى«يالقۇن»مىھىر چېچىپ
‏داستان
باھارگۈل ئىبراھىم
(«ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق»دەپ نام ئالغۇچى  بەش يۇلتۇزلۇق  پىدائىي ياقۇن ئوسمان)
‏مۇقەددىمە
‏51يىل مۇقەددەم ئۈرۈمچى دىيارىدا،
‏ئىڭڭەلەپ زىمىنغا كەلدى بىر مىھمان.
‏ئوڭ-سول قۇلىقىغا تەگبىرلەر ئېيتىپ،
‏قويۇلدى ئىسمى«يالقۇن ئوسمان».

چوڭ بولدى«يالقۇن»دىلى يۇمشاق،
‏ئىنتايىن ئەقىللىق كۆڭلى ئاندىن ئاق.
‏تەڭتۈشى يوقتى ئىلىم-ماھارەتتە،
‏مىھرىمۇ باشقىچە گويا«يالقۇنتاغ».

‏ئۆتتى سائەت، كۈنلەر تۈننى قوغلاپ،
‏ئۆتتى ھەپتە ، ئايلار يىلنى جۇغلاپ.
‏ئۆستى«يالقۇن»مىھرى ئىللىق باشقىچە،
‏پىكىر قىلار ئاقىللاردەك ئۇزاق ئويلاپ.
‏1

‏«يالقۇن»دا چىچەكلىگەچ جۇتتا لالە،
‏تولدى بۈگۈن مىھىرگە جۈپ پىيالە.
‏مۇھتاجلىقنىڭ قىراۋ باسقان ئېقىنى،
‏ئىرىدى ،ئۇ تاراتقان«يالقۇن»بىرلە.

‏ئۇزاقتىن ئەلنى بېسىپ شۇم جاھالەت،
‏تەلتۈكۈس ئۇنتۇلغانتى خەير-ساخاۋەت.
‏بۈگۈن كامال تېپىپ مىھىر ساداقەت،
‏«يالقۇن»لىدى مۇھتاجغا قۇت ئادالەت.

‏چىقتى «يالقۇن»ئوتتۇرغا مىھىر چېىپ،
‏مۇھتاجلارغا بىر ئىللىق قۇچاق ئېچىپ.
‏ئارلىدى مىھىر بىلەن يۇرت-يۇرتلارنى،
‏ساخاۋەت يوللىرىدا قۇملار كىچىپ.
‏2
ئۈستىگە«گۈزەل»نامدىن كىيدى كۆينەك،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمگىكى بولدى ئەينەك.
‏شۇڭا خەلق بولدى ئاڭا دىلدىن قايىل،
‏جايلاردا كۆترۈلگەچ مىھىرلىك چەينەك.

‏مۇھتاجلار بۇ«گۈزەل»گە بولسا ئاشىق،
‏تاغ-دەريا مىھرى ئۈچۈن تارتار رەشىك.
‏پەخىرلىك خەلق ئوغلانى«يالقۇن»چېچىپ،
‏مۇھتاجلارنى مەڭگۈلۈك تۇتتى مەشۇق.

‏چالغاندا قىش مۇھتاجغا زەھەر سازنى،
‏ئىللىتتى«يالقۇن»چىللاپ گۈزەل يازنى.
‏«ياز»غا مەپتۇن بولۇپ ئەل-جامائەت،
‏كۈيلىمەكتە«يالقۇن»لۇق ئۇستازىنى.
‏3
‏ مىھىردىن مۆكتى قىش،ئۇردى ياز خەندان،
‏چاڭ كەلتۈرگەچ مىھىردىن ئوغۇل-جۇۋان.
‏ئىللىغاچ مىھىردىن مۇھتاجنىڭ قەلبى،
‏ئۆتتى قىشتىن«يالقۇن»دا تىچ-ئامان.

‏«يالقۇن»نىڭ تەپتىدىن ئالەم سۈيۈندى،
‏باسقان ئىزلىرىدىن غۇنچە گۈل ئۈندى.
‏چېچىپ مۇھتاج يۇلىغا يالپۇز ھىدى،
‏شۇ يۇسۇندا ساخاۋەت داۋام قىلدى.
‏4
‏«يالقۇن»ئىدى ئىگىز بۇي،گەۋدىسى كەڭ،
‏مىھرى-ۋاپادا قۇردىشى يوقتۇر تەڭ.
‏كەڭ پىشانە،كۈزى نۇرلۇق،يۈزى ئاق.
‏ئىللىتماققا زىمىستانغا تۈرگەن يەڭ.

‏مۇھتاجلارغا«يالقۇن»دىن ياققاچ پانۇس،
‏مۇھتاجنىڭ گۈزەل چېھرى كۆرۈنمەس سۇس.
‏ھەممە ياقنى يۇرتۇپ«يالقۇن»ئۇچقۇنى،
‏ساخاۋەتكە چىقتى،«پىدائىي»مەخسۇس.

‏چىقتى مىھرى بىلەن«يالقۇن»لۇق قۇياش،
‏چېچىپ يالقۇنىنى چېھرىدىن ھەر يان.
‏مىھرى بولغاچ خۇددى ئاتەشلىك يالقۇن،
ئىللىماقتا مىھىردىن زىمىن، چولپان.
‏‏5
‏مانا قۇربان ھېيىت قالدى يېقىنلاپ،
‏سەلتەنەت،مولچىلىق كۈنىنى چىللاپ.
ئاپەت رايۇنىغا يول ئالدى «يالقۇن»،
‏‏مۇھتاجلارنىڭ قۇتلۇق كۈنىنى ئويلاپ.

‏باشلاندى پىدائىغا ئالدىراشلىق،
بولغاچ«يالقۇن»نىڭ ئاغزىغا قاراشلىق.
‏تەرەپ-تەرەپتىن يىغىلدى نېمئەت،‏
‏مۇھتاجلارنىڭ قەلبىگە سېلىپ شاتلىق.

‏بۇ قىياپەت ئەتتى مەپتۇن دىللارنى،
‏سايراتتى ھەم ئىزھارى بار تىللارنى.
‏چاي تۇتماققا مۇھتاجغا قولى بىلەن،
‏ھەم چىللىدى مىھرى چايغا دوستلارنى.

‏كۈلدى ئاسمان تۆرىدە كۈن ۋىلىقلاپ،
‏كۈلگەندەك ئۇلۇغ ھېيىتنى قۇتلۇقلاپ.
‏ياكى مۇھتاجلارنىڭ ھېيىتى ئۈچۈن،
‏ئانا يەر قۇياشقا قىلدىمۇ خىتاپ.

‏2015-يىل13-سىنتەبىر  باي
 

     





30 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل ئىبراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-29 23:52:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ