ئۈنسىز يىغا

 

 

قار ئاستىدا تىپتىنىچ دۇنيا،
كىتىپ بارار يالغۇز جىنازا.
يۈرىكىمنى ئىلىپ مىڭىپتۇ ،
كۆمۈش ئۈچۈن زىمىن قوينىغا.

توڭۇپ قاپتۇ مۇزلىغاچ ئالەم،
گۈل ئۈستىدە شەبنەممۇ ئەنە.
كۆز يىشىمۇ مۇزغا ئايلىنىپ،
قىتىپ قاپتۇ كىرپىك ئۈستىدە.

يىغلاۋاتىدۇ ئۈنسىز يۇرىكىم،
مەھكۇم بولغاچ سوغۇق يەرلىككە.
ھىچنىمىنى سەزمەيدۇ دۇنيا،
كۆنۇپ قالغاچ يىغا ھەسرەتكە.

قاناتسىز پەرىشتە
2015,6,22





222 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-10 0:27:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-10 11:36:34 Yaprak
Tasawwurga bak baykansez
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ