ئۇيقۇ پەرىسى

ئۇيقۇ پەرىسى

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏ئەگىپ يۈرەر ئۇيقۇ پەرىسى،

 ‏كىرپىكىمنى سۆيمەكچى بولۇپ.

 ‏سەزدۈرمەستىن كەلمەكتە ئاستا،

 ‏قارچۇقۇمغا قونماقچى بولۇپ.

 

‏ ‏ئۇ بە ئەينى مىھرىلىك ئانا،

 ‏يىنىك،يۇمشاق پەپىلەيدىغان.

 ‏قىلىقلىرى سەبىي قىزچاقتەك،

 ‏تاتلىققىنە ئەركىلەيدىغان. ‏

 

 ‏ئەمما قەستى زورلاپ مۈگدۈتۈپ،

 ‏چۆرۈپ تاشلاش غەپلەت چۆلىگە.

 ‏قانداق مىكىر ئىشلىتەر ئەگەر،

‏ئۇچراپ قالسا كۆڭۈل كۆزىگە.

 

‏ ‏2015-يىل باي





103 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-14 0:10:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ