ئۈچ قىز - مەرۋايىت

ئۈچ قىز

 

مەرۋايىت

 

 باراڭ تۈۋى تۇرار ئۈچ لالە،

 ئاھۇ كۆزلۈك گۈزەل جانانە .

نىگاھلىرى تاشلانسا كۆزگە ،

 ئاشىق قىلار دىلنى ھامانە.

 كىيىك كۆزلەر چاقنار نۇرانە،

 كىرپىك ئارا قىلىپ جەۋلانە.

 نى ئەزىمەت بولغاندۇ بەلكىم،

 ئىختىيارسىز ، بىھوش، مەستانە.

 بىرى رەيھان بىرى گۈل لالە،

بىرى چولپان نامى سۇلتانە.

 روماللىرى تاشلىنىپ ھەريان،

 سۇمبۇللىرى تۇرار ئازادە.

 كۆزلىرىنى ئۈزمەي بىر مەررە،

 رەيھان نەزەر تاشلار پىغانە.

 قالغاندەك ئۇ يايرىدىن يىراق،

 نە نەلەردە يالغۇز يىگانە.

 ئاڭا غەمخان بولۇپ زىلالە،

 تەسەللىيگە ئۈلگۈردى ئەنە.

 كۆزلىرىدىن ياغىدۇ مېھىر،

سۈكۈتلىرى گۆھەر، دۇردانە.

رۇخسارى گۈل ، مەردۇ-مەردانە،

 بۇ قىزلارغا ھەممە ھەيرانە.

 ئەخلاق بابىدا غۇنچىدۇر ئۆزى،

 ئۈزۈلمىگەن ئۇندىن خەندانە.

 

 





89 قېتىم كۆرۈلدى MarwayiT ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-25 18:19:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ