ۋەتەن كېرەك (شېئىر)
قۇندۇزئاي
بۈركۈت ئۇچتى كۆكنىڭ قەرىگە،
كەڭ ئاسمىنى ساماسى مەدەت.
بىراق قاغا ياراتماس ئۇنى،
شۇڭا نامى پەسلىكتۇر پەقەت.
ئاقار دەريا شۇنچە جۇش ئۇرۇپ،
تالاي ئېقىن قۇيۇلغاچ ئاڭا.
يولۇچىغا سايىۋەن سۆگەت،
يوپۇرمىقى كۆكەرگەچ تازا.
قاقاسنىمۇ خالايدىغۇ تاش،
چۈشكەن يەردە ھەم ئەزىز بولغاچ.
ئازغانغىمۇ بىر ماكان كېرەك،
قىزىلگۈلمۇ تۇپراقتا ئوتقاش.
چۈمۈلىمۇ تۈمەنمىڭ بولۇپ،
بىر تۆشۈككە يىغىدۇ ئاشلىق.
چىلبۆرىدىن قوغدار پادىنى،
ئىت ئېلىشىپ بېرىپ بەرداشلىق.
شۇڭا دەيمەن ھەرقانداق بىرى،
زەمزەم ئېيتۇر ۋەتەن سۈيىنى.
كۈچ تاپمىسا ۋەتەن قوينىدا،
چالالامدۇ غالىپ كۈيىنى.
چەتكە قاقماس ۋەتەن ھېچكىمنى،
ۋەتىنىدە قەلەندەر سۇلتان.
ھەممە ئۈچۈن ۋەتىنى كېرەك،
ۋەتەنسىز خار،ئۇ بولۇر ئۇلتان.
ۋەتەن ئۈچۈن ئۇيۇشماق زۆرۈر،
گۈلزارىغا شەبنەم بوپ چۈشۈپ.
خەندان ئۈچۈن بۇلبۇلغا ئىلھام،
ئىناق ئۆتسەك ھەممىمىز كۈلۈپ.
47 قېتىم كۆرۈلدى | kunduzay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-23 6:06:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|