ئەتىرگۈل بەرگىدە ياشىغىنىم راست - يۈسۈپ نەمەنشاھ

ئ‍ەتىرگۈل بەرگىدە ياشىغىنىم راست

…   يۈسۈپ نەمەنشاھ  …

ئ‍ەتىرگۈل بەرگىدە ياشىغىنىم راست،
ھەر ئ‍ۆتە  ئ‍اشىقە قارىغىنىم راست.
كۆڭلۈمنىڭ بېغىدا ئ‍ېچىلغان گۈلۈم،
بىر پۇراپ كېتەلمەي تەلمۈرگىنىم راست.

كىرپىگىڭ ئ‍وقىدا يارلانغىنىم راست،
سېغىنىش ئ‍وتىدا ئ‍ۆرتەلگىنىم  راست.
شامالدىن سورىسام  بېقىشلىرىڭنى،
قۇياشتەك تەپتى بار دىگەنلىرى راست.

بوتىدەك كۆزلىرىڭ مەست قىلغىنى راست،
مۇھەببەت سەۋداسى بوپ قالغىنىم راست.
يىراققا كەتكەندە كۆزىڭ ئارقاڭدا ،
مەن ساڭا قىيالماي  تۆكۈلگىنىم راست.

2016-يىل ئۆكتەبىر  قومۇل

     





77 قېتىم كۆرۈلدى xarqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-3 12:25:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ