ھايات مىلودىيىسى (​ناخشا تېكىستى) - جامالىدىن يۈسۈپ يانار

ھايات مىلودىيىسى (ناخشا تېكىستى) 

 جامالىدىن يۈسۈپ يانار


بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئادەم،
كۆپ سىنىلار ھايات يولىدا.
ئىنشائاللاھ ھە راست بۇرادەر،
ئەرزىمەس جان تەڭرىم قولىدا.

بالىلىقتا غەمسىز ياشايمىز،
ئەندىشە يوق.ئاچ ۋە توقلۇقتىن.
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ئويناپ،
سەكرىشىمىز بىزلەر شوخلۇقتىن.

قەدەم بېسىپ ياشلىق دەۋرىگە،
گۈزەللەرگە بولىمىز مەپتۇن.
مېھرىبان شۇ ئاتا -ئانىغا،
بۇلالمايمىز بىر  قېتىم پەيتون.

كەلگىنىدە قېرىلىق يېتىپ،
توۋا دەيمىز ياقىنى چىشلەپ .
ئەجەپمۇ تېز ئۆتۈپتۇ ئۈمۈر،
دەيمىز شۇ چاغ ياشلىقىنى ئەسلەپ.
     





36 قېتىم كۆرۈلدى جامالىدىن يۈسۈپ يانار ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 9:31:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ