جۇدالىق
ئىمىنجان ئابدۇرىھىم
تولغىنىدۇ تىنىم بىر ئوتتا،
كۈۋەجەيدۇ كۆكسۈمدە بىر چوغ·
شۈركىنىدۇ يۈرۈكۈم پات- پات،
زىمىستاندا ئىچكەن كەبىي دوغ·
چىڭقىلىدۇ كاللام چاراسلاپ ،
يۇلغۇن ئوتى كۆيىۋاتقاندەك ·
تۈن كېچىدە ئەزرائىل كېلىپ ،
ماڭا قاراپ كۈلىۋاتقاندەك·
چۈشلىرىمدە جۇدالىق دەشتى،
ئوڭۇمدا ھەم ھېجران تەشۋىشى ·
خاتىرەمگە پۈتۈلگەن تامام،
بەخىتسىزنىڭ ئاچچىق كەچمىشى،
مەن بىر گۈلنى ئىزدەپ يۈرۈمەن،
خۇش ھېدىنى باغلاردىمۇ دەپ·
ئۇمۇ مېنى ئزدەيدىغاندۇ؟
گىياھ ئۈنمەس تاغلاردىمۇ دەپ·
| 35 قېتىم كۆرۈلدى | ئىمىنجان ئابدۇرىھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-19 19:31:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|