كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا
( ناخشا تېكىستى )
مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش
----------------------
كىملىكىمنى بىلمىسەڭ ئەگەر،
دوستۇم ياكى ئۆزۈمدىن سورا.
دۈشمەن سۆزى زەھەردۇر-زەھەر،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا.
دەپسەن مېنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،
كۆڭلى قارا ، ئىچى قۇپ-قۇرۇق.
كۆرەلمەسنىڭ گېپىنى قويۇپ ،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا .
غەيۋەتخورلۇق ھەممىدىن يامان،
يالغاننى راس قىلغاچقا بايان.
چۈشنەرسەن بىر كۈنى ھامان،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا.
سەن بىر ئادەم،مەن ئۆزگە ئالەم،
سۆيگۈ ئىزدەپ ياڭرايدۇ نالەم.
چۈشەنمەسكە يوق مېنىڭ چارەم،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا .
----------------------
ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتورنى ئىزدەڭ!
ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى: otkax0991
| 223 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-22 0:07:01 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|