ئانام
كۆزلىرىمدە ئە كسى بار، ئەسلى بار ،
بۇ قەلبىمدە مىھرى بار، سۆزى بار.
يوللىرىمدا نۇرى بار، ئۆزى يار،
بۇ مىنىڭ جان ئانام، خان ئانام.
يۈزلىرىمگە سۆيۈپ مىنىڭ قانمغان،
يىقىلغاندا يۆلەپ مىنى تالمىغان .
يۈرىكىدىن مىھىر بىرىپ ھارمىغان ،
بۇ مىنىڭ جان ئانام ،خان ئانام.
مىھرى بىلەن قايغۇلارنى يوق قىلغان ،
باشىم سىلاپ مىسكىن دىلنى شوخ قىلغان .
دۇشمەن كەلسە قەھرىنى ئوق قىلغان ،
بۇ مىنىڭ جان ئانام خان ئانام.
كىچە كۈندۈز تىلەپ مىنىڭ بەختىمنى،
تىلەپ مىنىڭ ئۆمرۇمنى تەخىتتىمنى .
تىلەپ يەنە رىسىقىمنى ھەققىمنى،
بۇ مىنىڭ جان ئانام ،خان ئانام .
يىمەي ئۆزى بىر ماڭىلا يىگۈزگەن ،
قىيماي ئۆزى بىر ماڭىلا كىيگۈزگەن .
ئۆزگىلەردىن چاندۇرمايلا ئۆستۇرگەن،
بۇ منىڭ جان ئانام خان ئانام .
گەر يىغلىسام مەندىن بەكرەك ياش تۆككەن ،
گەر كۈلگەندە قىتىپ ماڭا تەڭ كۈلگەن .
شەرەپ قۇچسام ئىچ ئىچىدىن سۆيۈنگەن ،
بۇ مىنىڭ جان ئانام خان ئانام .
جاپاسى كۆپ چاندۇرمايلا جىم يۈرگەن،
دەرتلىرىنى ئىچلىرگە چىڭ پۈتكەن.
بەختىمنى دەپ بارلىقىنى دو تىككەن،
ئۇ مىنىڭ جان ئانام خان ئاانام .
مىنىڭ ئۈچۈن كىرەر ئوتتقا ھەم سۇغا،
چىدار يەنە مەيلى قىش ياز سوغۇققا.
شۇنداقتمۇ تاماسى يوق ھىچقاندا،
بۇ مىنىڭ جان ئانام خان ئانام.
2015-11-25 ئابدۇخېلىل
| 152 قېتىم كۆرۈلدى | 1012abdu | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-8 0:58:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|