مەن
- مەرھابا يۈسۈپ ( مەھبۇب )
مەن قۇرلىرىدىن ھەسرەت مارىلاۋاتقان ، بىر كۇپلېت شېئىر .
مەن گىرۋىكىدىن ھىجران تامچىلاۋاتقان ، يېگانە دېڭىز .

مەن يۈرىكىڭگە قۇياش نۇرلىرىنى چۈشۈرۈۋاتقان ، پىنھان بىر يوچۇق .
مەن ئىزلىرىڭدىن دان تېرىپ يەۋاتقان ، قاناتسىز تومۇچۇق .

مەن ئۈمىد نىڭ پېشىگە ئېسىلىپ ھالسىز كېتىۋاتقان ، مەنزىلسىز يولۇچى .
مەن سەھەرنىڭ قۇچىقىدا مۈگدىۋاتقان ، نىشانسىز ئويۇنچى .

مەن ئۈزۈلگەن بارماقلىرى بىلەن بەختنىڭ بوسۇغىسىنى سىلاۋاتقان ، لىباسسىز كېلىنچەك .
مەن كەچكۈزدە مەۋسۇمسىز ئېچىلىپ تىترەۋاتقان ، بەختسىز چېچەك .

مەن سېنىڭ يۈزۈڭدىن تولۇن ئاينى كۆرمەكچى بولغان ، ئاداشقان لېكىن ئازمىغان ئەما !
مەن ئايرىلىش بوسۇغىسى بىلەن ۋىسال دوقمۇشىدا ھودۇقۇۋاتقان ، جۈرئەتسىز ھەم چارىسىز - رەنا !
27 - يانۋار
| 370 قېتىم كۆرۈلدى | mehbub181 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-24 21:49:27 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-6-10 11:01:23 | ساۋۇت |
| ياخشى يېزىپسىز | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|