رۇبائىلار
قادىر ئەمەت
1
بەزىلەر پۇل-ئابرۇي ئەمەلگە خۇمار،
مەن ئاستىم ئىشرەتتىن بوينۇمغا تۇمار.
ئۇتتۇردۇم ئۇتىۋېلىش بولمىدى پەقەت،
سەتەڭلەر كانىدا ئوينىسام قىمار.
2
بولدى گۈزەللەر كۆڭلۈمنىڭ يازى.
جان ئالدى، جاڭگالدا قويدى،ھەرنازى.
چىن سۆيگۈ كۈيىگە چالسام زوق بىلەن،
پەدىسىز دۇتاردەك كۈي بەردى سازى.
3
پۇل بىلە ئىرشسەم گۈل-گۈل بەدەنگە،
نە سۆيگۈ-ساداقەت بەرمىدى مەنگە.
قۇزغۇندەك قاخشالغا قونۇپ يۈرۇيمەن.
شۇ بولغاچ مۇھەببەت -كۆڭۈلگە،تەنگە.
4
ئۈلپىتىم ھەمىشە نازىن گۈزەللەر،
ئۆتكۈزدۈم ياشلىقنى تۆلەپ بەدەللەر.
نىھايەت، كۈتكۈنىم يەتكىنىم-نىمە؟!
بۇ سۆيگۈ بېغىمدا گۈلسىز تىكەنلەر.
5
بەزىلەر تۈگەشتى ئىچىشىپ ھاراق.
بەزىلەر تۈگەشتى كۈندە چىكىپ ئاق.
مەنمۇ ھەم تۈگەشتىم كەيىپسىز ياشاپ،
كۆڭۈلنىڭ مەلىگە دىمىگەچكە ،ياق!
6
ياخشىلىق،يامانلىق قارا بىلەن ئاق،
ئىنساننىڭ تاللىشى ماقۇل بىلەن ياق.
دۇنيادىن غەلبىسىز كىتەركەن ئىنسان،
ھەر كەتكەن خاتادىن ئالمىسا ساۋاق!
چ چ2076871407
| 41 قېتىم كۆرۈلدى | darwex | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-22 11:05:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|