خىياللىرىم - مەمەتجان باش كارۋان

خىياللىرىم
مەمەتجان باش كارۋان

ئەگەشكەن خىياللىرىم شاماللارغا،
سۆيۈپ ئۆتەر ھەر نەپەستە سېنىلا.
بىلدىڭمۇ جانان لىڭشىيدۇ دەرەخلەر،
بېرىپ ئۇندىن ئالدىن بېشارەت ساڭىلا.

خىياللىرىم كېچەر دەريا داۋانلاردىن،
يېتەر قاچانمۇ شۇ ۋىسالى جەمگاھقا؟
قېتىپ قويدۇم يادنامەمنى خىياللارغا،
سىڭىپ كەتتى  ھەم سەلكىن شاماللارغا.

ئىزلەيمەن خىياللىرىمدىن سادانى،
يۈرەك مەمنۇن، سۆيۈنگەن جاۋابلارنى.
ئېيتقىنا قاياقلاردىن كېلۇر كۈيىڭ؟
ئاڭلارمەن قاچان چىن سۆز بايانلارنى؟
     





74 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 21:17:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ