مەن كەتتىم يۈرۈگۈم سەن بىلەن قالدى
( بارلىق ياخشى كورۈپ تۇرۇپ ئايرىلىپ تۇرغان كىشىلەرگە بېغىشلايمەن )
كەتمە دەپ يۈرەكنىى يىغلاتما جېنىم،
سەن ئۈچۈن ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ قېنىم.
ساڭىلا مەنسۇپتۇر كۆڭلۈم ۋە تىنىم،
مەن كەتتىم يۈرۈگۈم سەن بىلەن قالدى.
سەنەم بوپ ساقلىغىن پەقەت مىنىلا،
غېرىپ بوپ ئەسلەيمەن ھەردەم سىنىلا.
مىنىڭ سۆيگۈنۈم پەقەت سەن بىرلا،
مەن كەتتىم يۈرۈگۈم سەن بىلەن قالدى.
يىغلىما كەتتى دەپ ئۆكسۈپ-ئۆكۈنۈپ،
مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئوبدان كۈتۈنۈپ.
سالامەت قايتىمەن قالمىسام ئۆلۈپ ،
مەن كەتتىم يۈرۈگۈم سەن بىلەن قالدى.
خىيال سۈرۈپ كۈلبەڭدە يىغلىما جانان،
قەلبىمگە سىنىلا قىلىمەن خاقان .
ئايرىلسام سىنىڭدىن تار بۇلۇر جاھان،
مەن كەتتىم يۈرۈگۈم سەن بىلەن قالدى.
چېدىغىن مەن ئۈچۈن شۈكۈر سەبىر قىل،
ئۆمرۈمگە كۆڭلۈمگە ھەردەم دۇئا قىل.
سۈيىمەن سىنىلا جېنىم بۇنى بىل ،
مەن كەتتىم يۈرۈگۈم سەن بىلەن قالدى.
قەلەمدە ؛ھەبىيبۇللا خۇتەنىي
تەكلىپ پىكىر ئۈندىدار 18197827573
2016-6-25
37 قېتىم كۆرۈلدى | ھەبىيبۇللا خوتەنىي سەركە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-27 7:17:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|