سەنسىز كېچە (شېئىر) - ئ‍ابدۇرسۇل ئ‍ەزىز قۇتلۇق

 سەنسىز كېچە
ئ‍ابدۇرسۇل ئ‍ەزىز قۇتلۇق

شۇنداق سوغۇق بىلىندى كېچە،
چۇۋۇق خىيال چىرماپ دىلىمنى،
يالغۇزلۇققا قۇشۇلۇپ غەملەر،
بوغدى ھىجران مىنىڭ گېلىمنى…

سەنسىز سۇغۇق بىلندى كېچە،
كۆزلىرىمدىن تۈكۈلدى مۇز ياش·
يۈرۈكۈمنى ئ‍اچچىق بىر ئ‍ازاپ،
ئ‍ايلاندۇردى چىداملىق بىر تاش…

كېچە شۇنداق ئ‍ۆتمەكتە سۇغۇق،
سەن بولمىغاچ سوغۇق بىلىنىپ،
يەنە بۈگۈن سېغىنىپ سېنى،
تېلفۇن قىلدىم ساڭا يېلىنىپ…

سۇغۇق كېچە جېنىمدىن ئ‍ۆتتى،
يېلىنىشلىرىم قالدى جاۋاپسىز،
سۈكۈت قىلدىم تۆت تامغا قاراپ،
تۈكۈلمەكتە ياشلار سەۋەپسىز…

2016-يىلى 12-ئ‍اينىڭ 29-كۈنى
         كۇچا
     





253 قېتىم كۆرۈلدى rusul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-29 21:23:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-3 16:07:50 بىلال
ياخشى يېزىپسىز 👍👍👍داۋاملىق تىرىشىڭ
2017-1-3 2:02:38 ياخشى يېزىلىپتۇ ، جاپا چىكىپسىز
ياخشى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ