مەن بەختىڭنى تىلەيمەن جانىم

مەن بەختىڭنى تىلەيمەن جانىم

 

گەرچە كۆڭلۈم بولسىمۇ ساڭا،

 ئ‍ازاپ چەكتىم دىيەلمەي پەقەت.

 كۆيۈپ سىنىڭ ھىجرانىڭدا مەن،

 قىينىدىغۇ ئ‍وتلۇق مۇھەببەت.

 

 رازى ئ‍ىدىم جاندىن كىچىشكە،

سىنىڭ ئ‍ۈچۈن زەھەر ئ‍ىچىشكە.

لىكىن يايرىم بىلمەستىن بۇنى،

زورلىدىڭغۇ ھەسرەت چىكىشكە.

 

 بوپتۇ يايرىم ئ‍امالىم قانچە ،

 لىكىن مىنى قىينىما بۇنچە .

 مىنى سالساڭ قانچە ئ‍ازاپقا،

بىراۋدىنمۇ ئ‍الىسەن شۇنچە.

 

 گەر بولسىمۇ قەلىپ ئ‍ىگىسى،

 تىزگىنى يوق كۆڭۈل دىگەننىڭ .

سۆيۈپ تۇرۇپ بىراۋنى شۇنچە،

 پايدىسى يوق ئ‍ازار يىگەننىڭ.

 

 بوپتۇ يايرىم ماڭغىن يولۇڭغا ،

بەخىت تاپقىن سۆيگەنلىرىڭدىن.

 سۆيۈپ ئ‍الغىن بەختىڭنى ھەم سەن،

 سەن سۆيگەن شۇ سۆيگەنلىرىڭدىن.

 

 سۆيگەنلىرى تىلەشسە بەخىت،

 سۆيۈلگەنلەربولۇر بەخىتلىك.

 مەن بەختىڭنى تىلەيمەن جانىم،

 بولۇپ ئ‍ۆتكىن مەڭگۈ بەخىتلىك.

 

 تۇرسۇنئ‍اي مۇختەر





187 قېتىم كۆرۈلدى تۇرسۇنئ‍ اي مۇختەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 10:59:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ