كۆڭۈلگە خىتاپ - نۇرمۇھەممەت مۇسا

كۆڭۈلگە خىتاپ 

 نۇرمۇھەممەت مۇسا


 بولدى قىل ئەي كۆڭۈل دىلىڭ يورىماس ،
نادانغا ئەقىدە قىپ يېشىڭ قۇرىماس .
دانالار ھېكمىتى شۇ ئۇنۇتما ھەرگىز ،
«ئىتنىڭ كاللىسى -ئۇ ،تەخسىدە تۇرماس ».

بولدى قىل ئەي كۆڭۈل قولۇم بارمايدۇ ،
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىمايدۇ .
قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار ،
مىڭ ئەقىدە قىلساڭمۇ ھامان خارلايدۇ .

بولدى قىل ئەي كۆڭۈل ئەمدى بولدى -بەس ،
چىدىماس بۇ يۈرەك بولسا كۈندە غەش .
قاچىسى سەبىرنىڭ يەتسە چېكىگە ،
تاياقنى تاشقا تاڭماق بەسى تەس .
  





222 قېتىم كۆرۈلدى نۇرمۇھەممەت مۇسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-9 13:08:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-12 14:12:36 raziya
kugulga hitap
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ