يېڭى يىل (شېئىر) - تۇنساگۇل ئىسمائىل

 يېڭى يىل
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)


سالام يانۋار سالام يېڭى يىل،
خۇش كەلدىڭىز يايرىدى بۇ دىل.
قارشى ئالدۇق تەبەسسۇم بىلەن،
قۇچقاچلاردەڭ ۋىچىرلاپ بۇ تىل.

يېڭى يىلغا كىرىڭ يېڭىچە،
بوۋىلارنىڭ ئېيتقان سۆزىچە.
ئاداۋەتلەر تۈگسۇن بولدى بەس،
سۆرەپ يۈرمەڭ تاكى ئۆلگىچە.

ئۆتكەن ئىشقا سالۋات دەڭ بولدى،
كونا خامان سورىماڭ ئەمدى.
يېڭى يىلنىڭ كەيپىنى بۇزۇپ،
تەگەۋەرمەڭ بولغۇلۇق بولدى.

خاپا بولۇپ يۈرمەڭ ئۆزگىدىن،
خاتا كىمدە ئويلاڭ قايتىدىن.
شامالسىزمۇ لىڭشىماس دەرەخ،
ئەپۇ قىلىڭ،سوراڭ ھەم دىلدىن.

-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
-2016-يىلى12-ئاينىڭ 30-كۈنى(جــــــۈمە)
     





42 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-31 1:29:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ