دوسلۇرۇم بارمۇ
🎄💔ئابدىراھمان ھېكىم 💔🎄 🌹ئىشەنچ🌹
پىنھانلاردا يىغلىسام زار-زار،
مېنى ئەسلەر ئانام بارمۇ
كىشى ئالدىدا بولسام خار،
مېنى ئەسلەر ئانام بارمۇ
ۋاپا ئىزدەپ بىراۋنى كۈتسەم،
ھەسرەت چىكىپ تېخى ئۆتسەم.
بۇ جاھان شۇنچىلىك بىر تارمۇ،
مىنى ئەسلەر يەنە ئانام بارمۇ
يېقىن كەلمەي بۇ تەلەي،
ئەتراپىمدىن ئۇچۇپ كەتسە.
نەلەدىدۇ ماڭا شۇ بەخىت،
مېنى ئەسلەر ئانام بارمۇ
مېنىڭدىن قاچتى يەنە ئامەت،
قىلغانلىرىم بولدىغۇ ئاپەت،
بىچارە ھالىمغا قاراپ يىغلارغا،
مېنى ئەسلەر يەنە ئانام بارمۇ،
نابۇت قىلسا نامراتلىق ھاياتىمنى،
گەر ئۈتۈلسە شۇ موھتاجلىق.
چارە ئىزدەپ يۈرۈدىغان ماماتىمغا،
مېنى ئەسلەر يەنە ئانام بارمۇ؟
كىتىپ قالسا قۇلۇمدىكى بايلىق،
چىقسام كوچىغا بارىنى كىيىپ
سەنمىدىڭ بۇ مىنىڭ بالام دىيەرگە،
مېنى ئەسلەر يەنە ئانام بارمۇ
بارىم تۈگەپ شۇنداق بىركۈنى،
مۇپتىلا بولسام يامان كۈنگە،
بىرىپ سۆيگۈ مىھرىنى تۈندە،
مېنى ئەسلەر يەنە ئانام بارمۇ،
ئۈتۈپ كەتسەم بۇ دۇنيادىن،
ئۈنسىز يىغلاپ بالام دىيەرگە،
بېرىپ قەبرەمگە يوقلاشقا،
مېنى ئەسلەرشۇ ئانام بارمۇ؟
تۇپراقتا شۇنچىلىك قىينالسام ،
گۇناھلىرىمنى تىلەپ بىر رەت.
سەھەر تۇرۇپ دۇئا قىلارغا،
مېنى ئەسلەر شۇ ئانام بارمۇ؟
ھاياتىمدا ئىشەنگىنىم كۆپتۇر،
يەنە كىلىپ ھامان ئۆلمۈكۈم ھەقتۇر.
باغلاپ كەلدىم ئىشەنچىمنى مەن،
غايىپ بولسام مىنى ئىزدەرگە دوسلۇرۇم بارمۇ؟
2016-يىل10-ئاينىڭ9-كۈنى
85 قېتىم كۆرۈلدى | ixanq | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-15 13:40:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|