ئاي بىلەن سۆھبەت

  ئاي بىلەن سۆھبەت

مېھىرنىسا قۇربان

تۇمان ئىچىرە كۆكتە ئۈزەر تۇلۇنئاي،
دەرېزەمدىن خىرە چۈشەر نۇرلىرى،
مەن قارىدىم ئايغا شۇدەم ئوي بىلەن،
بارمىدۇ دەپ ئاينىڭ مەندەك دەرتلىرى.

زۇۋان كىرىپ ئايغا شۇ چاغ تۇيۇقسىز،
دىدى ئېيتقىن سەن نىمانچە خىيالچان؟
دىدىم مەنمۇ ئايدىن سىرىم  يۇشۇرماي،
دەرت ئەلەمسىز ئۆتەلمىدىم ھىچقاچان.

شۇ دەقىقە كۆز ياشلىرىم تۆكۈلدى،
ئايغا ئېيتتىم ئىچىمدىكى دەردىمنى.
جىمجىت بولۇپ كەتتى ئايمۇ سۈكۈتتە،
چۈشەندى دەپ بىلدىم مىسكىن كۆڭلۈمنى.

شۇنىڭ بىلەن ئايمۇ ھايال ئۆتمەيلا،
بەردى ماڭا روھى ئوزۇق تەسەللى.
ئاڭلاپ مەنمۇ قالدىم خىلى يەڭگىللەپ،
ئايمۇ ماڭدى ئۆز جايىغا پاتقىلى.

دىدى ماڭا ئاي پېتىشنىڭ ئالدىدا،
ئەگمە ھەرگىز دەرت ئەلەمگە بېشىڭنى،
ئاھ ئۇرمىغىن نامەردلەرگە بىھۇدە،
يىغلاپ يۈرمە تۆكۈپ ئۈنچە  يېشىڭنى.

كۈنلەر ئۇزۇن بىلىپ يەتكىن ئۇنۇتما،
ئۈمىدلىك بول بەخت تېخى  ئالدىڭدا.
ئىشەنگىن سەن بۇ سۆزلىرىم ھەقىقەت،
بۇ گەپلىرىم تۇرسۇن دائىم يادىڭدا.

2016-10-12 غۇلجا شەھىرى
     





58 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-13 16:05:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ