كەتمىگەن بولساڭ (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

كەتمىگەن بولساڭ
مەمەتجان سەمەت

بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس ئىدى،
يالغان سۆيۈپ كەلمىگەن بولساڭ،
ياكى  ماڭا  ۋاپادار  بولۇپ،
ئۇنداق ئېزىپ كەتمىگەن بولساڭ.

ئۆتەر ئىدۇق مەڭگۈ بەخىتلىك،
بۇ دۇنيادا يوق دەپ مەنچىلىك.
ئەل ئالدىدا قىلىپ سەتچىلىك،
سەن مېنىڭدىن كەچمىگەن بولساڭ.

ئالدىڭدىمۇ خارلانماس ئىدىم،
دەردىڭدىمۇ زارلانماس ئىدىم.
رەنجىپ ئەسلا ئاغرىنماس ئىدىم،  
بۇنداق ئازار بەرمىگەن بولساڭ.

كىتەر بولدۇم يېنىڭدىن ئەمدى،
ئۆز . ئۆزۈمگە بىرىپ تەسەللى.
كەتمەسلكىم مۇمكىنتى ئەسلى،
باشقىنى  يار ئەتمىگەن بولساڭ.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدار : 308381500
ئاپتورنى  ئىسمى   بىلەن   تارقىتىڭ

     





268 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:19:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ