سۆيگۈبىلەن گۈزەلدۇر دۇنيا
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
تاڭغا ئىجىل ئالەم -كەڭ جاھان ،
رەڭلەنگەچكە سېھىرگە تولۇپ
سۆيگۈدىن نۇر ئالىدۇ ۋىجدان ،
تاۋلىنىدۇ تەۋرەنمەس بولۇپ .
تاڭ دەپ بىلدىم مەن پاك سۆيگۈنى ،
نەپرەتتە تۈن سۈرىدۇ دەۋران .
مېھىرلەردە نۇرلار كەلكۈنى ،
يار ئەيلىسە كۆكلەيدۇ ئىنسان .
شۇ ۋەجىدىن تاڭلارنى سۆيۈپ ،
ئىلھام قىزى كۆتىرەر غەليان .
ئۆزلىگىم تاڭ ۋەسلىگە كۆيۈپ ،
كۈتەر قەلەم ھەر مەھەل پەرمان .
ئۆمۈر بېغىم ئاچار گۈل -چېچەك ،
تاڭ ۋەسلىدىن ھېسلار ئويغىنىپ .
تاڭ زىياسى روھىمغا بېزەك ،
ئاتەش يۈرەك كېتەر چوغلىنىپ .
تاڭ ئاشىغى -مەستانىدۇرمەن ،
تۈن زۈلمىتى باغرىمدىن يىراق .
تاڭ ھۆسنىگە پەرۋانىدۇرمەن ،
ئىستەكلەرگە ياققاچقا چىراق .
ئالغان روھىم تاڭلاردىن ئەنداز ،
غۇبارسىزدۇر -تاڭ كەبى ئاپئاق .
چېھرىمدىن جاي تاپقان باھار ،ياز ،
ئاياز پەسلى كېرەكمەس ياق -ياق !
سۇنالىسام مۇھتاجغا شەپقەت ،
كېزەر دىلنى مىسلىسىز ھۇزۇر
سۇلغۇن روھنى ياشنىتار ھىممەت ،
بېغىشلايمەن كۆڭۈللەرگە نۇر .
ئارازچىلىق ،خۇراپات كۈلپەت ،
ئۆم -ئىناقلىق ،ئېرپان زەپ ئەلا .
چىن پۈتمىسەڭ ئاچ تارىختىن بەت :
جاھالەتتىن يىدۇق كۆپ پەشۋا .
«سەن»ھەم «مەن »نىڭ يىلتىزى تۇتاش ،
سۈرۈشتۈرسەك ئەجدادىمىز بىر .
شەجەرىمىز تاڭلارغا سىرداش ،
باق ئىدراكتا :ئەمەستۇر بۇ سىر !
سۆيگۈ بىلەن گۈزەلدۇر دۇنيا ،
قوش گېزەكتۇر سۆيۈش -سۆيۈلۈش.
ھەسەتخورلۇق ئىنسانغا ۋابا ،
سەن قۇت تاپساڭ مەندە سۆيۈنۈش .
سۆيگۈ ئىزدەپ ئۆتتۈم بىر ئۆمۈر ،
كۈيلىرىمدە ياڭراق ساداسى .
سۆيگۈ تېڭى ئەيلىدى غەييۇر ،
تىنىغىمدا ئىللىق ساباسى !
ئاپتور : بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسدىن
| 5933 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 20:34:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|