ياخشى بولغاچ پارتىيە
مەمەتجان سەمەت
ياخشى بولغاچ پارتىيە،
سېلىپ بەردى ئۆيلەرنى.
پاكىز سىلىق ئەينەكتەك،
ياساپ بەردى يوللارنى.
ئېرىقلاردا ئاقماقتا،
سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى.
ئەلنىڭ يىتىپ ھالىغا،
قېزىپ بەرگەچ قۇدۇقنى.
ئىچمەس بولدۇق لاي سۇنى،
بۇرۇنقىدەك ئېرىقتىن.
ھەم قۇتۇلدۇق بىز مانا،
تولا كەتمەن چېپىشتىن.
يەرگە تۆلەر سېلىقمۇ،
ئەمدىلىكتە يوق بولدى.
جاپاكەش شۇ دېھقاننىڭ ،
غەش كۆڭلىمۇ خوش بولدى.
بىلىمىزنى چىڭ باغلاپ،
ھۈنەر كەسىپ ئۈگۈنۈپ.
قايتىپ كېلىپ يۇرىتقا،
بىز ئوقۇشنى تۈگۈتۇپ.
قىلاي دېسەك بىر ئىشنى،
قەرىز بىرىپ پۇلىنى.
قۇرۇپ بەردى كارخانا،
ھەتتا چىڭداپ ئۇلىنى.
يۆلەپ بىزنى پارتىيە،
كۆپلەپ ياردەم بەرگەچكە.
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ،
يەتتۇق ھاللىق سەۋيەگە.
تۈگەپ كەتتى غېمىمىز،
شۇڭا خۇشال يۈرىمىز.
كۆرۈپ ئەمدى راھەتنى،
ھايات پەيزى سۈرىمىز.
ۋەتىنىمنىڭ تېنىچ ئامان باي باياشات خاتىرجەم
گۈللىنشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن
تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىرى:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
376 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-30 13:30:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|