كەتكىن
كەتكىن، كەتكىن ،
كۆز ياشلارمۇ ھامان بىر كۈنى قۇرۇپ كىتىدۇ،
كەتكىن، كەتكىن،
ئىنسان ھامان ئۆزى مۇستەقىل پىشىپ يىتىلىدۇ.
كەتكىن، كەتكىن،
سىنى پەقەت چۈشلىرىمدە كۆرۈشۈم مۇمكىن
كەتكىن، كەتكىن ،
سەن قەلىپ ئىقىنىمدا قان بولۇپ ئىقىپ كەتتىڭ
كەتكىن، كەتكىن ،
قەلبىم ھامان ئۆز ماكانىنى تاپىدۇ،
كەتكىن، كەتكىن،
يۈرەك ئەمدى ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ يۈرمىسۇن،
كەتكىن، كەتكىن،
غەيرەت قىلىچىم بىلەن ئازاپلارنى چىپىپ تاشلايمەن ،
كەتكىن، كەتكىن،
بىر كۈنلەردە سەن پەقەت غۇۋا ئەسلىمە بولۇپ قالىسەن،
كەتكىن ،كەتكىن ،
كىتىشىڭدىن قەلبىمگە گۈللەر ئۈنىدۇ،
كەتكىن، كەتكىن
يوقلىقىڭغا ھامان كۆنۈپ كىتىمەن،
كەتكىن، كەتكىن
ئەنسىرمە ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا،
كەتكىن، كەتكىن ،
مەن يەنىلا مەن، !!
كەتكىن، كىتىۋەر ،!
قەددىمنى رۇسلايمەن... ئالدىمغا قارايمەن、!
كىتىۋەر……
| 146 قېتىم كۆرۈلدى | ahgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-13 0:27:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|