ياشىمايچۇ ئەمدى بۇلدىلا
جۇشقۇن ھۇشۇر
خىياللىرىم تولىمۇ چىگىش،
يېتەلمىدىم ئويلاپ زادىلا.
نىمەن ئۈچۈن يارالدىم زادى ،
ياشىمايچۇ ئەمدى بۇلدىلا .
قارىماقتا ھەركىم نەپرەتتە،
ئىتتىرمەكتە مېنى ھەرچەتكە
ياشاپ كەلدىم تولىمۇ تەستە،
ياشىمايچۇ ئەمدى بۇلدىلا.
تۇرمۇشۇمدا توساقلىق يوللار،
سوزۇلماقتا قارا نىيەت قوللار.
ئارام بەرمەس تېگى يوق ئويلار،
ياشىمايچۇ ئەمدى بولدىلا.
چىن سۆيگۈمنى بىلمىسە گۈلۈم،
گۈزەل ئىكەن مەن ئۈچۈن ئۆلۈم.
پاتمىغاچقا يۈرەككە ھەسرەت،
تارتىپ قالدىم شۇ سەۋەپ چىلىم.
يۈرۈكۈمگە لىق ئازاپ تولدى،
ئىچىشلىرىم ئاق ھاراق بۇلدى.
چىن كۆڭلۈمدىم سۆيگەن ئىدىمغۇ،
مەن سۆيىگۈنۈم ئۆزگىنىڭ بولدى.
چىكىپ قالدىم زىياننى ئۇقماي،
ئىچىپ سالدىم ھاراقنى تۇيماي.
سەۋەپ بۇلدى ھەممىگە كۆيۈش،
بۇ ھاياتىم سۆيگۈگە تولماي.
كەيىپكىلا يارالغانمۇ مەن،
ئېتقىن دۇنيا ئۆتۈنەي سەندىن.
قۇتقۇزمىساڭ تاشلىۋەت مېنى،
ئۆلگەن تەننى ئايرىغىن روھدىن.
2017.2.19
111 قېتىم كۆرۈلدى | جۇشقۇن ھۇشۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-2-19 21:30:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|