مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
تۇيغۇلار تەۋرەنسە باردۇر نە ئىلاج .
ۋىجدانىم سوراقلار :"ياتىسەن نىچۈن ،
ئىجاتنى تاپقۇزغىن توختاۋسىز راۋاج !؟ "
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
يازساملا پاك كۆڭلۈم تەسەللىي تاپار .
ئايرىلماس ھەمراھىم قەلەم كۈنۇ -تۈن ،
شۇ سەۋەپ : قىسمىتىم ئەشئارلارغا يار .
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
بىلسەڭ بۇ - ئىشتىياق تۇرغان يېلىنجاپ .
رايىم يوق ھەشەمگە ئىنتىلەي نىچۈن ،
غورۇرىم بىھۇدە بولمامدۇ خاراپ !؟
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
ئىلھاملار دىلبىرى خۇش باقار پات -پات .
سۆيگۈ بۇ : روھىمنى ئەيلىگەن گۈلگۈن ،
تەپەككۈر ئەۋجىدە قاققۇزۇپ قانات .
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
مىننەتسىز بەدەلگە ئۈندەيدۇ ۋىجدان .
قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتسام پۈتۈن ،
ئامەتلەر تەختىدە ھۇزۇرلىنار جان .
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
ئەجىرسىز ئاتاقتىن تېپىلماس نىجات .
ئەل -ئاۋام رايىغا قوشالىسام ئۈن ،
ئۆتكۈزگەن بولىمەن بەختىمدىن پارات .
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
بىلسەڭ مەن پەرۋانە ،شېئىردۇر چىراق .
تەمەلەر تاجى بىر ئاچچىق بۇس -تۈتۈن ،
قاچىمەن ئۇنىڭدىن ھەر مەھەل يىراق .
مەن شېئىر يازمايمەن نام -شۆھرەت ئۈچۈن ،
شائىرنىڭ خىسلىتى بۇ ھالغا رەقىپ .
ئويغاقتۇر يۈرىگى -غاپىللىق سۈرگۈن ،
شەخسىيەت ،كېبىرلىك ئېتەلمەس تەقىپ .
ئاپتور بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
2017.3.30
| 5674 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-5 19:19:18 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|