پورەكلەيدۇ قەلبىمدە نىدا (شېئىر) - زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى

پورەكلەيدۇ قەلبىمدە نىدا

زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكرانى

 شىلدىرلايدۇ تۈننىڭ شاخلىرى،
ھىجران دەردتە مۇڭسىرار بەلكىم.
چۈشلىرىمنى ئوغۇرلاپ كېچە،
ئىشىكىمنى چېكەرمۇ بىركىم؟!

قىسمىتىمگە يازىمەن نامە،
يۇلتۇزىمنى قىستۇرۇپ بەتكە.
ياش تۆكىدۇ ئاداققى كۈتۈش،
ئارمانلارنى چىلايدۇ دەردكە.

ئېسىلىمەن گۈلنىڭ لېۋىگە،
تىكەنلەرنىڭ باغرىدا قاناپ.
ئۈلپەت تۇتۇپ كۆيۈك ئىشقىمنى،
يۈرىكىمدە ئىچىمەن شاراپ.

شىرىلدايدۇ تۈننىڭ شاخلىرى،
ئازاپلىرىم ئۇخلارمۇ ئۇندا؟
ۋىلىقلىسا ئاسماندا ھىلال،
پورەكلەيدۇ قەلبىمدە نىدا!

8-فېۋرال





62 قېتىم كۆرۈلدى xukrani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 22:41:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ