ھاياجان
مەردان شاھ خۇشخۇي
كوچا بويلاپ سەيلىدىمەن، نى خىياللار قوينىدىمەن،
گاھى غەملىك تولغىنىمەن، ئاچچىق ھېسلار ئىلكىدىمەن.
گاھى تاتلىق چۈش كۆرىمەن، خام تامادا ئۇخلىنىمەن،
گويا سۇدەك چايقىلىمەن، قىرغاقلارغا ئۇرۇلىمەن.
سەگەكلەشتىم ئويلىرىمدىن، چۆچىگەچكە چۈشلىرىمدىن،
ئۆتتى بىرى يانلىرىمدىن ، نۇر چاقنىدى كۆزلىرىمدىن،
قاراپ قالدىم ھەيرانلىقتىن، سۆز كەلمىگەچ تىللىرىمدىن،
ئوتلار كەتتى يۈزلىرىمدىن، ماغدۇر قاچتى پۇتلىرىمدىن.
كۆزى ئىلىپ جاننى ياندا، قۇيۇپ قويدى مىنى ئوڭدا،
يۈزى قىزىل ئانار گويا ، يۈرەك ياندى پىراقىدا.
ئۆلمۈدۈم مەن ھاياجاندا، كۈلۈپ تۇرۇپ باققىنىدا،
مىخلىغاندەك شۇ جايىمدا ، تۇرۇپ قالدىم چۈش قوينىدا.
بۇلۇپ قالدى يېرىم كىچە، بۈگۈن ھالىم ھېچ باشقىچە،
كۆزنى يۇمۇپ ياتسام قانچە ، ئۇيقۇ قاچتى مەندىن شۇنچە.
ئۇخلىيالماي بۈگۈن كىچە بىدارىمەن تاڭلارغىچە،
قەلبىمدىن تۈكۈلدى تامچە ، تىزىپ چىقتىم مارجان ئۈنچە.
81 قېتىم كۆرۈلدى | huxhuy | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-19 12:19:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-22 3:01:53 | ئالتۇنگۈل |
ياخشى يىزىپسىز تىخىمۇ تىرىشىپ ،يەنىمۇ مۇل مەزمۇنلۇق ئەسەرلەرنى يىزىڭ ،قۇلىڭىزغا ئاپىرىن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|