ئايسىز كېچە
گۈلپىيە ھادى (لەيلى)
يامغۇر ياغقان تۆنۆگۈن ئاخشام،
ئېھ ،،مەن كەبى تۈكۈلۈپ سىم-سىم .
ئايسىز كېچە دېرىزەم چكىپ ،
سەنسىزلىككە تامدى مىڭ قېتىم.
سېغىنىشنى قۇيۇپ بېشىمغا ،
زارىقىشنى ياتتىم يېپىنىپ .
سائەت مۈگدەپ قالدى چىكىلداپ ،
بىدار تۈنگە مەيۇس ئېچىنىپ.
سۆزلەپ بەردىم ئۆزەمنى بەزلەپ ،
شەھرىزاتتەك ئۇزۇن چۆچەكنى .
ياغاچ ئاتقا مىنگەن خىيالىم ،
لىق تولدۇردى چوغقا ئېتەكنى .
قېتىپ قالدى بۇ ئۈزۇن كېچە ،
ئويغاق نىگاھ قارچۇقلىرىدا .
تەلپۈنۈشلەر قالدى تىپىرلاپ ،
تەشنا چۈشلەر قۇچاقلىرىدا .
ئاۋات
| 30 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلپىيە ھادى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-23 14:01:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|