بوغۇلغان روھلار
مىھرىگۈل تۇردى
ئەپقاچماق بولىدۇ روھىمنى يۇلۇپ ،
ئۆرلەيدۇ توختىماي كۆككە ئوق بولۇپ .
ياغىدۇ يامغۇردەك زىمىنغا سىڭىپ ،
ئاقىدۇ دەريادەك قەلبىمگە تولۇپ .

ۋە بەزەن ئۇ چۈشەر قار گۈللىرىدەك ،
چاقنايدۇ لەرزانە كۆز قاماشتۇرۇپ .
سۈپسۈزۈك سۇ يۈزى بولۇپ گاھىدا ،
كۆرسىتەر ئەينىنى جىلۋىلەر ئۇرۇپ .

ۋۇجۇدۇم سىلكىنەر ۋولقانغا تولۇپ،
كۆبجۈيدۇ تومۇرلار كۈچ مادار تولۇپ .
سانجىلار يۈرەككە نەيزىلەر بولۇپ ،
ئۆرلەيدۇ شۇ ھامان كۆككە قۇش بولۇپ .
2016-2-10 قەشقەر
| 106 قېتىم كۆرۈلدى | مىھرىگۈل تۇردى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-26 17:14:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |