كەچۈر مېنى شەيتانلار (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

كەچۈر مېنى شەيتانلار
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

تۇتاشتۇرۇپ ئوتلارنى،كەتتى قاياق بىلمىدىم.
سىناپ باققان ئوخشايدۇ،يۈتكىنىنى بىلمىدىم.
چىن يۈرەكتىن سۆيمىگەچ،قىلغانمىكىن چاقچاقنى،
ئىشقى پىراق،ئوت يېقىپ،يوقالدىغۇ بىلمىدىم.

خۇددى قىزىل ئالمىدەك،قىزارغانتى يۈرۈكۈم،
تېخى چېچەك ئاچماستىن،سولاشتىغۇ بۇ گۈلۈم،
قىسمەت شۇنداق ئوخشايدۇ،بىلەلمىدىم زادىلا،
پىچىرلاشتا ئۆتتى كۈن،قىينىمىغىن ئەي گۈلۈم.

قەھرىتاندا ئىللىغان،باھار كېلىپ توڭلىدىم،
ۋېسال تاپماي سۆيگۈلەر،تۈن كېچىدە جۆيلۈدۈم،
ئاچچىق سۆيگۈ بەرگەنمۇ،قىينالدىغۇ بۇ يۈرەك،
سەۋەبىنى بىلمىدىم،توشۇپ كەتتى بۇ گۈلۈم.

قىلاي ئەمدى بولدى بەس،سۆيمەيدىكەن نادانلار،
مېھىر بىلەن گۈل سۈنۇپ،كەلمەيدىكەن جانانلار،
يۈرەگىمنى سۇغارما ،ئەمدى قىلما،بەك ئاچچىق،
كىتەي ئەمدى خوش گۈلۈم،كەچۈر مېنى شەيتانلار.
     





216 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-24 19:30:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ