خاتالىق - مىسىران

خاتالىق
مىسىران


كىچە
جىمجىتلىقتىكى ئاي شولسى
ئۆڭگەن باھارنىڭ ئاچچىق شامىلى
خىرەلەشكەن سۆيگۈ ھىسلىرى
تۇپراقنىڭ يېشىدا يۇيار يۈزىنى.
كىچە
ئاي قۇتانلىغاندا
قۇياش يۇمۇلغاندا
قارلار لەپىلدەپ،تۈن شاخلىغاندا
ئىسمىڭ ئۇچۇپ ئۆتتى تىغلىنىپ
ئىسمىڭ بار كىتاپنىڭ بىر ئابزاسىدىن.
روھىمدىن تۈكۈلۈپ كەتتى سىياقىڭ
لىۋىمدىن تۈكۈلۈپ كەتتى شوخلىقىڭ
جېنىمغا پېتىپ كەتتى يوقلىقىڭ …
كىچە
بىر شىرىن ئارزۇدا يېلىنجار يۈرەك.
سۈزۈلمەيدۇ قاراڭغۇلۇق.
ئالدامچى بىر تۇيغۇ نۇقار ئازابنى
يەنە تەنھا قالار يالغۇزلۇق.
كىچىلەر ئالدامچى
خىياللار ئالدامچى
جىمجىتلىق ئالدامچى
ھسلار ئالدامچى
كىچە
بىر خاتا تۇيغۇ تامچىلىماقتا
تامچىلاۋاتقان تامچىلاردىن…


10-14-كۈنى  

     





57 قېتىم كۆرۈلدى mssran ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-15 11:29:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ