يېڭى يىل
ئابدۇماناپ جېلىل مىسىكەر
قۇتلىماققا بىتەھقىق مىھمانىمىز يېڭى يىل،
ئۆتكۈزۈشكە خىرامان ئىمكانىمىز يېڭى يىل،
گۈللەر قىساي مەيدەڭگە دىلدارىمىز يېڭى يىل،
يىلدىن- يىلغا قۇتاتقان ئەندازىمىز يېڭى يىل،
ئۈمىد- ئىشەنچ مەشئىلى باھارىمىز يېڭى يىل.
تالاي ئىنسان كۆرەلمەي كەتتىغۇ ئاي يۈزۈڭنى ،
ئارمانلىرى سەن بىلەن قىلىپ دائىم سۆزۈڭنى ،
ئەۋەتكىنە پېقىرغا ئىلھام ئاتلىق قىزىڭنى،
بىناۋاغۇ بۇلبۇلمۇ كۆرمەي شەھلا كۆزۈڭنى،
زارىقتۇرغان بىزلەرنى گۈليارىمىز يېڭى يىل.
ھەر كەلگەندە ئۈمىدكە تولدۇرۇپ سەن بىزلەرنى ،
خوش پۇراققا تولدۇرۇپ كەڭرى دالا تۈزلەرنى،
تەبەسسۇمغا ئۆزگەرتتىڭ غەمكىنگىنە يۈزلەرنى،
قانچە قىلسام ئاز كېلۇر مەدىھيلىك سۆزلەرنى،
بىزگە شۇنداق تۇتىيا قاشتاشىمىز يېڭى يىل .
يىللار شۇنداق ھىكمەتلىك بىلەلىگەن ئىنسانغا ،
"يۈز" بەرمەيدۇ قىلچىلىك ،زەررىچىلىك ئىنسانغا،
مەنا يوقتۇر ئۆمرۈڭدە كىرسەڭمۇ گەر توقسانغا،
دەستە قىلىپ گۈل تىككىن شۇڭا ئۆمۈر بوستانغا،
پۇرسەتلەرنىڭ پايانى گۈلتاجىمىز يېڭى يىل .
ياخشىلىقلار يار بولسۇن دەپ تىلەيمىز تىلەكنى ،
شۇڭا بەردەم تۈردۇق بىز شىمايلاپ يەڭ بىلەكنى،
ئۈمۈدلۈكلەر قولىغا سۇنۇپ ئوتلۇق يۈرەكنى،
ھە، شۇ چاغدا كۆرۈڭ سىز ئىش قاينىغان كۆرەكنى،
بىزنى ئالغا باشلىغان تۇلپارىمىز يېڭى يىل !!!
2015-يىل 30-دىكابىر شەھرى شىخو
| 92 قېتىم كۆرۈلدى | abdumanap | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-31 1:55:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|