ئوتتۇز ياشلىق دوستلارغا

ئوتتۇز ياشلىق دوستلارغا

 

ixki908

 

‏ كۆزيۇمۇپ ئاچقۇچە كىردۇق ئوتتۇزغا،

‏قىراۋلار باغلىدى باشتىكى قۇندۇزغا.

 ‏نىمىلەر قىلارمەن دەپ خىيال سۈرۈپ،

 ‏ئوخشاپلا قالمايلى ئۆچكەن يۇلتۇزغا.

 

 ‏ ‏بالىمىز دادا دەپ بويلار تالىشىپ،

 ‏ھەر كۆرسە بوينۇڭدا مەھكەم يامىشىپ،

‏ئەركىلەپ ئولتۇرسا قۇچاق ئۈستىدە،

 ‏ئۆتەركەن كۈنىمىز دائىم شادلىنىپ.

 

‏ ‏تۈنۈگۈن ئۆزىمىز بالا ئىدۇققۇ،

 ‏قاچانمۇ چۇڭلاردەك يۈرەرمىز دىدۇققۇ،

 ‏يېشىمىز يەتكەندە مانا ئوتتۇزغا ،

 ‏تىرىكلىك دەردىدە غەملەر يىدۇققۇ.

 

 ‏ ‏ئوتتۇزياش ئۇنۇتما قىران مەزگىلىڭ.

 ‏ئوتتۇزياش ھەم سىنىڭ دەرتمەن مەزگىلىڭ.

 ‏باش ئەگمە جاپاغا،تېگى مىڭ ئالتۇن،

 ‏بىكارغا كەتمەيدۇ يەرگە تەرگىنىڭ.

 

‏ ‏ئەي دوستلار ئوتتۇز ياش قايتا كەلمەيدۇ،

 ‏ئوتتۇزياش ۋاقتىڭغا ھېچنىمە يەتمەيدۇ،

‏شۇڭلاشقا دوستلىرىم قەدىرلە ئۇنى،

 ‏ئوتتۇزغا كىرمىگەن بۇنى بىلمەيدۇ. ‏





211 قېتىم كۆرۈلدى ixki908 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-24 11:30:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ