دوسلۇرۇم

         قەيسەر  تۇرسۇن           (قەھران)
 
  دوسلۇرۇم


كۈلگىنىمدە  يۈرىكى ، ئوتتا  كۆيگەن «دوسلۇرۇم
مەن يىغلسام بەزمىدە ، ئويناپ كەتكەن «دوسلۇرۇم»
يوللۇرۇمدا  ئورا  كولاپ ، تىنماي قىلتاق ئويلۇشۇپ
مىنىڭ يىغام غىمىمگە  ،زار بولۇشقان «دوسلۇرۇم»

ئۆز  ئىشىنى قىلالماي  ،كەلسە ۋاي دەپ يالۋۇرۇپ
چوڭ سۆزلىرى تىپىلماس ،خوشامەتتە «دوسلۇرۇم»
ئۆتۈۋالسا ئۆتكەلدىن  ،ناغرا  سۇناي چىلىشىپ
ئەلگە  مىنى مات  قىلىپ  ،بايان ئىيتقان «دوسلۇرۇم»

قىلغان ئىشىم  ياراتماس ،ئەرزىمەيدۇ قىلچە دەپ
لىكىن ئۆزى بىر قەدەم ،باسالمايدۇ «دوسلۇرۇم»
مەن  ئالغاندا  شەرەپنى  ،يالغان توقۇپ ئارقامدىن
مىنى  ئىپلاس  نۇمۇسسىز ، نىقاپلايدۇ  «دوسلۇرۇم»

گەپ  تاپىدۇ  ئارقامدىن  ،توختىمايدۇ  ئۆلمىسەم ،
بەلكى  ئۆلۈم كۈنۈمدە  بەزمە  قۇرار «دوسلۇرۇم»
تويۇم بولسا  ھىچ  يوقتۇر ، ئۇلاردىكى  خۇشاللىق
چۈنكى مىنىڭ كۈلكەمدىن   بەك  قورقىدۇ «دوسلۇرۇم»

                               قەيسەر  تۇرسۇن      (قەھران)

 تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ

ئۈندىدار:qq1165181317 

مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589 


     





76 قېتىم كۆرۈلدى kaisar ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 14:58:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ