ئۇنتۇش ۋە ئۇنتۇلۇش خاتىرسى
خۇمار (يامغۇر)
يامغۇرلۇق بىر كۈنى ،
پۈتۈن بىر كىچە،
ئۆز-ئۆزۈمگە چېلىنپ ئولتۇرۇپ،
پارە-پارە قىلىپ چېقىپ تاشلغانچە ،
ھەسرەتلىرىمنى قۇچاقلىرىمدىن يۇلۇپ ئىلىپ ،
بارچە ھەسرەتلىرىمگە قېتىپ ،
ئەسلىمىلىرىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىمەن ……
توزىتىمەن ئازاپلارنى يامغۇرنىڭ تەن بەرگىدىن ،
ھەممە قۇتۇلىدۇ ئۆلۈم ئىسكەنجىسدىن ،
كىچە قوينۇمدا ئىدى ،
شۇ دەم ئىچىم قانىدى ……
لىققىدە ھەسرەت ئارىلاش سېغنىش ،
باغرىمنى ئۆرتىدى ……
ئەپسۇس ، يۈرىكىم ئاغرىقنى سەزمەسلا بولدى……
ئازاپلانغۇم يوق ……
ھەسرەتكە قۇل بولغۇم يوق ……
ئۆلگۈم بار ئىدى ،
ئۆلۈمدىن قورقىمەن ،
ئەمما ، ئاسان ئۆلۈم تىلەيمەن دائىم ……
ھەسرەتكە ئايلانغان يۈرىكمنى ،
يۇلۇپ ئولتۇرۇپ ،
تاتلىق ئۇخلىغان پىتى ،
ئۆلۈپ قالسامچۇ كاشكى ……
2016-يىل26-ئىيۇل، غۇلجا
| 107 قېتىم كۆرۈلدى | yamgur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-21 0:05:51 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|