زىل چېلىندى دەرسكە (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

زىل چېلىندى دەرسكە
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

كەسىپدىشىم مۇئەللىم،زىل چېلىندى دەرسكە،
كىتاپ ئېلىپ قولۇڭغا،قەدەم ئالغىن مۇنبەرگە،
ۋارىسىمىز بالىلار،ئېچىرقىدى بىلدىڭمۇ،
ئەۋلاتلارنى ئويلىغىن،ئوت تۇتاشتۇر يۈرەككە.

قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ،مۇنبەرلەردە سايرىغىن،
دىللىرىنى يورۇتۇپ،قۇياش كەبى نۇر چاچقىن،
مېھىر بېرىپ چىن دىلدىن،قەلبلەرنى تۇتاشتۇر،
ۋۇجۇدىنى ئۇرغۇتۇپ،مەڭگۈ پارلاق يول ئاچقىن.

بالىلاردۇر بارىمىز،مەرىپەتتۇر باغىمىز،
ئەدەپ ئەخلاق بىلمىسە،ئوقۇيالماس بالىمىز،
كەسىپدىشىم مۇئەللىم،پەزىلەتتىن ئۇل سالغىن،
ئىچى-تېشى ئوخشىسا،خاتىرجەمدۇر ھەممىمىز.

ئۇلار بولغاچ مەكتەپتە،ئەل قەدىرلەر بىزلەرنى،
رازى بولسا خەلقىمىز،ئىززەت قىلار بىزلەرنى،
ئويغىنايلى ھەممىمىز،قىلىپ پەرۋىش نوتىلار،
ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق،تەربىيلەيلى ئەۋلاتنى.
     





66 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 7:06:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ