نىگارغا خىتاب (شېئىر) - ئېزىزجان تۇرسۇن

نىگارغا خىتاب

ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش )


تۆكۈلگەن ياپراقتەك ئۇچمىسۇن سۆيگۈم ،
سىنىڭسىز ۋەيرانە بولمىسۇن كۆڭلۈم  .
تاشلىما تاش كەبى سۆيگەن يۈرەكنى ، 
يوقمىنىڭ سەندىن باشقىغا كۆنگۈم  .

ھالىم يوق سىنىڭسىز كۈلۈپ يۈرگىدەك ، 
بەخىت يوق سىنىڭسىز سۈرۈپ يۈرگدەك .
بىر ساڭا ئاتالغان بۇ مىھىر سۆيگۈم  ،
سەندىن ئۆزگە يۇق ماڭا بەختىم بىلگىدەك .

بىلىپ قال بىر سەنلا بەخىت قۇياشىم،  
كەچمىگىن مىنىڭدىن ئاقمىسۇن ياشىم  .
نەقىسمەت كەلسىمۇ سەن بىلەن كۆرەي،  
چۈنكى سەن قەلبىمدە مەڭگۈ قاياشىم . 

تەقدىر نىڭ تاللىشى گاڭگىراتسا ھەم  ،
كۆڭۈللەر شەيتىنى ئالدىراتسا ھەم  .
سەۋىر نى يارتۇتتۇم سىنى ساقلاشقا  ،
تاشمايدۇ سەۋرىم بىز بولغىچە جەم .

سۆيگۈمىز بولمىسۇن جاننىڭ جازاسى  ،
سەن كەلگىن،كەلمىسۇن سۆيگۈ قازاسى.  
باسايلى بەخىتلىك تۇرمۇشقا قەدەم  ،
يەتمىسۇن يۈرەككە سۆيگۈ ئازاسى  .

تەقدىرم تاللاشقا بۇيرىسا مىنى  ،
ھەممىدىن كىچىپ مەن تاللايمەن سىنى .
بۇ تەقدىر بۇيرىدى سىنى تاللاشقا ،
ئىيىتقىنا بارىم دەپ تاللامسەن مىنى؟

تىلەيمەن ھەرۋاقىت تاللىشىڭ بولاي  ،
ھاياتتا  سايەڭدەك ياندىشىڭ بولاي  .
سىقسا گەرنەپسىمنى شۇم ئەجەل كىىپ ،
ئۆلسەممۇ باغرىڭدا بىر كىچە قوناي…  

ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش)
2016-2-2
QQ2323202986
     





193 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىزجان تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 18:59:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-31 4:47:04 abdukirmjan
way adax nimanqa yahxi xir yazdihan bolup kattgla tixgla'''''''
2017-1-5 19:12:37 sukut
بەك ياختۇردۇم بۇ شېئىرنى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ