يايرىڭ مەن بولاي (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 يايرىڭ مەن بولاي
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

سىزگە ئاتاپ گۈل تېراي،توسمىغىن مېنى،
پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرەي،قوللىغىن مېنى،
پورەكلىسە ئۈزۈپ شۇئان،تۇتاي سىزگىلا،
پۇراپ قالساڭ ناۋادا،زەپمۇ خوشپۇراق،
ئشەنگىنە چىن سۆيگۈدۇر،يايرىڭ مەن بولاي.

باش باھاردا تېرىسام،قىزىل گۈلۈمنى،
ئەقىدەمدە ئېچىلدۇرۇپ،پەرۋىش قىلىپ،
تىكەنلىرى يوقتۇر پەقەت،قەلب ئىزھارىم،
خىيال قىلسام سۇنۇشنى،ئەركىلەر تېنىم،
سۆيگۈڭ شۇنداق شېرىنكەن،يايرىڭ مەن بۇلاي.

چىن دىلدىن پۇراپ باققىن،تۇتقان گۈلۈمنى،
بەك سېغىندىمغۇ سېنى،ئايلار گۇۋاھدۇر،
رەت قىلمىساڭ بولاتتى،ئازاپنى سالماي،
ئۆمۈر قىسقا،ياشلىق نازۇك،بىلەلمىدىڭمۇ،
سۆيگۈ بېرىپ ياشايلى،يايرىڭ مەن بولاي.
     





38 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 9:29:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ