ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە
مېھىرنىسا قۇربان
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
يۈرىكىدىن يېشى ئاققاننىڭ.
پىغان بىلەن ھەسرەتلەر چېكىپ،
مەيدىسىنى نەمگە ياققاننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
ئاشىقىغا ياقالمىغاننىڭ.
چىن سۆيگۈنىڭ دەريالىرىدا،
بىللە قېنىپ ئاقالمىغاننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
قان قېرىنداش ئاتالمىغاننىڭ.
ياكى بىر رەت ئاتا-ئانىنى،
جان كۆيدۈرۈپ باقالمىغاننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
ئائىلىگە قارالمىغاننىڭ.
مېھىر ۋاپا ساداقەتلىرى،
ۋۇجۇدىغا تارالمىغاننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
ئاشىقىنى سۆيەلمىگەننىڭ.
ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ،
ئوتلىرىدا كۆيەلمىگەننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
سۆيگۈسىگە قانالمىغاننىڭ.
پاك ئەقىدە سۆيگۈ يولىدا،
ۋەدىسىدىن تانالمىغاننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
ۋىسال شەربەت ئىچەلمىگەننىڭ.
ئاشىق بولۇپ بىرىگە شۇنداق،
ئىككى دۇنيا كىچەلمىگەننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
غەمگە چۆكۈپ ياتالمىغاننىڭ.
ھاياتىغا ئويۇپ نەقىشلەر،
بىرەر مەنا قاتالمىغاننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
ئارزۇسىغا يېتەلمىگەننىڭ.
ھاياتلىق بىر ئىمتىھان قەغەز،
جاۋاب بەرمەي كېتەلمىگەننىڭ.
ئۇيقۇسى يوق بەلكىم كېچىدە،
ئۈمىد نۇرى چاچالمىغاننىڭ.
ئۈششۈك تىگىپ گۈلباغلىرىغا،
غۇنچە چېچەك ئاچالمىغاننىڭ.
2017-3-28 غۇلجا شەھىرى
86 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-28 21:44:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|