سازلان سازىم
ئىمىنجان ئابدۇرېھىم
دۇتار :
نىمە سىر بار ئۈژمە غولىدا،
ياكى تىنىڭ ياغاچ ئەمەسمۇ؟
ئىككى يىپتا زۇۋانغا كىرگەن،
بىلەكتەكلا تاياق ئەمەسمۇ؟
ھەي تەمبۇر:
ھېلىمۇ ياغاچتىن بوپقاپتۇ تىنىڭ،
ناۋادا ئالتۇندىن ياسالغان بولساڭ ،
توختاشقا مەجبۇرتى يۈرىكىم مېنىڭ·
راۋاپ:
بېشىڭ سېنىڭ مۇشتۇمچىلىكلا،
توۋا يەنە ئالەم سىغىدۇ·
تاشۋاي قانداق چىدىغاندۇ ؟ھە!
يۈرەكلەرنى مۇڭى ئېزىدۇ·
تۈنۈگۈن
ئابدۇرېھىم ھيېىت دۇتار چاپتىكەن،
قەشقەردىكى ئەنجان رەستىىدە·
ئوت كېتىپتۇ خىلۋەت كوچىغا،
دەز كېتىپتۇ ئۆينىڭ تېمىغا·
ئابدۇرېھىم ھېيت
دۇتتىرىنىڭ دەستىسى بىلەن
ئۇرۇپتىمىش غىتمەكچە سازنى·
دۇدۇقلاپتۇ توكلۇق چالغۇلار،
ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئاھۇ زارىنى·
ئۇ نىمە؟
تونۇشتەكلا ئەجەپ ئاۋازى،
ھەراس:
رەھمەتلىك بوۋام كۆتەك يارغاندا
پالتىسى ھەر قېتىم ئۇرۇلغان چاغدا
ئۇنىڭدىن ئاشۇنداق چىقاتتى سادا·
توۋا ئەمدى ئەبجەش دۇنيادا،
شۇئاۋازمۇ بوپقالدى مودا·
دۇتار ،تەمبۇر يېقىملىق ساتار،
تىزىلىپتۇ سەھنىگە قاتار،
نەغمە قىلسا جانغا ئوت ياقار ،
غىتمەك سازلار نەلەرگە قاچار·
تەنلەرگە يامىشار تەمبۇر زەخمىكى ،
يىلىككە سىڭىدۇ دۇتارنىڭ ئۈنى،
تاشلىدى مۇئەللەق قوينىغا مېنى،
موشۇنداق بولامدۇ ساتارنىڭ ئۈنى·
كەل سازىم سازلان،
يېرىلسۇن ئاشىقلارغا يۈك بولغان يۈرەك ،
چېقىلسۇن :
بىنالارنىڭ ئىشىك ئەينىكى،
ئويغانسۇن
ئۇخلاپ قالغان زىمىن ئۇيقۇدىن،
قۇتۇلسۇن
زامانداشلار ئەبجەش تۇيغۇدىن،
سازلىرىمىز تەگسۇن يۈرەككە،
ئاۋازىمىز يەتسۇن پەلەككە·
106 قېتىم كۆرۈلدى | ئىمىنجان ئابدۇرىھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-31 16:26:03 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|