سۇنغىنى چىشمۇ ياكى ئۇرۇقمۇ - مەرھابا يۈسۈپ « مەھبۇب »

سۇنغىنى نېمە چىشمۇ ئۇرۇقمۇ ؟

 

مەرھابا يۈسۈپ « مەھبۇب »

 

 بالىلىقىمدا بىزنىڭ ئۆگزە بىر پارچە ئاسمان ئىدى. ياپيېشىل مەخمەلدەك رەڭدار يۇلتۇزلۇق ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇز مېنىڭ ئىدى. ئەڭ باراقسان ئۈرۈك دەرىخىمۇ مېنىڭ ئىدى. ئەڭ سۈزۈك بۇلاق مېنىڭ ئىدى. چىققان دۆۋەڭ ئېگىز بولسۇن بالام دەيتى بوۋام، خامانغا قېتىق بىلەن زاغرا ئەكەلسەم خۇدايىم بەختىڭنى بەرسۇن بالام دەيتى مومام، ھويلىلارنى سۈپۈرۈپ سۇ چېچىپ بەرسەم كىيىمىڭنى لاي قىمما دەيتى ئانام. ئۆستەڭگە كىيىم بىلەنلا سەكرەپ، چىقىپلا خاماندا دومىلاپ ئوينىسام شامدىن كىيىن ئۆيدە ئولتۇر قىز بالا بولغانكىن دەيتى دادام. قىز بالا دېگەن ئۇنداق كەپسىزلىك قىممايدىغان دەيتى تاغام.  قىز بالا دېگەن دەرەخكە ياماشمايدىغان دەيتى ھاممام. قىز بالا تۇرۇپمۇ ئېشەككە مىنەمسەن دەيتتى نەۋرە ئۇكام.  قىز بالا بولغانكىن ئۆيدە قالساڭ بولمامدۇ دەيتى نەۋرە ئاكام كىنوغا ماڭغاندا كەينىدىن ئەگەشسەم ......

 قىز بالىنىڭ نامى شۇنداق ئۇلۇغ ئىدى، قىز بالىنىڭ ئېتى شۇنداق يامان ئىدى.  قىز بالا بولغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلاتتىم. نىمىشقا مېنىڭدىن سوراپمۇ باقماي مېنى قىز قىلىپ تۇغقاندۇ دەپ ئانامدىن خاپا ئىدىم. ئۈژمە ، ئۆرۈك پىششىقى چاغلار ئەڭ خۇشال ۋاقىتلىرىم ئىدى. ئادەم كۆرمەيدىغان شاخلاردا ئولتۇرۇپ تويغىچە يەيتتىم ... تاش تېپىپ بولغۇچە ئالدىراپ چىشىمدىلا ئۈچكىسىنى چاقاتتىم ، ئاجايىپ تاتلىق مېغىزلىرى چىقاتتى.  گۆھەرنى تاشقا ئۇرما دەيتى مومام ھەر بىر شۇنداق چىشىمدا ئۈچكە چاققاننى كۆرسە ، نېمە كارى دەيتتىم چىشى بولمىغاچقا ماڭا چىدىمايۋاتىدۇ دەيتىم.

  ئەمما چوڭلار دېگىنىدە تۇرمايدىكەن، ۋەدىسىگىمۇ ئەمەل قىلمايدىكەن.  ئۆزلىرى ئۇردى گۆھەرلىرىمنى تاشقا، ئۆزلىرى پەس قىلدى چىققان دۆۋەمنى، ئۆزلىرى كىيىمىمنى توپىلارغا، ئۆزلىرى سالدى بېشىمغا ھەر قىسمەتنى،  گۆھەرنى تاشقا مەن ئۇردۇممۇ ئۇلارمۇ ؟

 ئەمما ھازىر قىز بولغىنىمغا ئۆكۈنمەيمەن، ئانامنىمۇ ئەيىپلىمەيمەن.  ھايات مېنى ئەرلەردىنمۇ كۈچلۈك قىلىپ تەربىيلىدى تۇرمۇش مېنى يىقىلغان چوققىلىرىمدىن يەنە تىك تۇرغۇزدى ئەنە ، جۇلالىنىپ تۇرغان گۆھەرلەر مېنى ساقلاۋاتىدۇ باغرىمغا ئىنتىلىپ .... مەن ئۇلارغا گۆھەرنى تاشقا ئۇرما دەپ نەسىھەت قىلايمۇ ؟ ياكى گۆھەرنى تاشقا ئۇرماسلىقنى ئۆگىتەيمۇ ؟ ياكى سۇنغان گۆھەرنىڭ يۈرىكىدىكى چېكىم چېكىم يېرىقلاردىن ھۇۋلاۋاتقان زىمىستاننىڭ ھىدلىرىنى پۇرىتايمۇ ؟ 

 2016 ــــ 27 ـــ مارت





425 قېتىم كۆرۈلدى mehbub181 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-29 1:18:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-24 16:58:56 ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
تىرىشىڭ
2016-4-3 22:21:29 ئ‍اتەشى
پىچەت چىقىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ