بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار
【 مەنسۈرمۇھەممەت 】
ۋەدىلىشىپ ئەينى چاغ نىكاھ قۇرغان ئۆزۈڭلار ،
ئايرىلماسقا بەل باغلاپ ياش ئاققۇزغان كۆزۈڭلار .
ئۆتە-ئۆتمەي نەچچە يىل قايان ئۇچتى سۆزۈڭلار ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
•
چۈشىنىشكە تۇرمۇشنى ئون يىلمۇھەم كۆپ ئەمەس،
ھەر قەدەمدە مۈشكۈلات داۋانلىرى ئىگىز -پەس .
يىتىش ئۈچۈن ۋىسالغا بولۇش كېرەك ھەمنەپەس ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
•
ئائىلىنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئۇل-ئاساسىي ئەر دېمەك ،
قۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاققۇزىدۇ تەردېمەك .
ئائىلە ئۈچۈن ھەتتاكى ھاياتىنىمۇ بەر دېمەك ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
•
ئايال بىلەن گۈزەلدۇر تۇرمۇشتىكى ھەر قەدەم ،
گاھ قەدەمدە يۈرەكنى ئازابلايدۇ دەرت-ئەلەم .
ئارمانىغا يىتىشكە ئىچەلىسە تەڭ قەسەم ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
•
ئۇنتۇلدىمۇ يۈرەكنى يېرىپ بەرگەن ۋەدىلەر ،
بۇزۇلدىمۇ يارئۈچۈن چېلىپ بەرگەن پەدىلەر .
يامان بولسا ئۆزيارىڭ ياخشى يارىڭ نەدىلەر ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
•
ئەمدى ئاتا سەنمۇھەم كىچىكلىكنى تاشلىغىن ،
ھاياتىڭنى قەدىرلەپ تۇرمۇشىڭنى باشلىغىن .
گەپ يېمىسە ئايالىڭ داخانلارغا ئاشلىغىن ،
بەختى ئۈچۈن بالىنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتۈڭلار .
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
| 82 قېتىم كۆرۈلدى | mansur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-16 8:25:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|