كىتىپسەن - ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن
كىتىپسەن

ئەكبەر ئىدرىس ئەرچىن

خوشمۇ دىمەي گۈلۈم يىراق كىتىپسەن ،
يۈرۈكۈمگە سىلىپ قويۇپ مىڭ ھىجران .
ھىدلىرىڭنى نەدىن پۇراي پەرىشتەم ،
تاپاي كىمدىن سىغىنىشقا مەن دەرمان …

مەنزىل يىراق ئەمما يۈرەك تۇتاشقان ،
كونا ئەمەس بىز سۆيۈشكەن كونا جاي .
ئۇنۇتمىغىن گۈلۈم خىلۋەت سەھرانى ،
كۈتەر سىنى ھەرتۈن كىچە تەنھا ئاي.

كۈتۈشلەردە ئۇزىتىمەن يىللارنى ،
سەنمۇ بىركۈن ۋىسال ئىزلەپ كىلىسەن .
تەنتەكلىكنى تاشلاپ سەنمۇ مۇڭلۇنۇپ ،
بۇ قەلبىمنى شۇ كۈن بىلىپ يىتىسەن…

خەتلەر يىزىپ مىنىڭ ئۈچۈن پەرىشتەم ،
ئىشەن شۇ كۈن ئۆزۈڭ ئىغىز ئاچىسەن .
سىغىنىشنىڭ يوللىرىغا سۆيگۈڭدە ،
تەبەسسۇم قىپ گۈل چىچەكلەر چاچىسەن .

ئىشەن شۇ كۈن گۈلۈم قۇچاق ئاچىسەن…

2016.يىلى 3.سىنتەبىر يەكەن




151 قېتىم كۆرۈلدى arqen ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-5 16:02:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ