ئانا
ئاسماندىكى قوياش بىلەن تەڭ،
نۇر چاچىسەن زىمىنغا ئانا.
يامغۇر كەبى تامچىلاپ ئېقىپ،
يۈرۈكۈمگە كىردىڭ سەن ئانا.
تۈندە يانغان چولپان چېھرىدىن،
يۇرۇتتۇڭ سەن،كېچەمنى ئانا.
سۆيگۈ ئاققان چەشمە-زىلالدىن،
ئۇچۇملاپ ھەم بەردىڭ سەن ئانا.
ئۇلۇغلۇقۇڭ جاھاندا بىردۇر،
ھاتەملەردىن بۈيۈكسەن ئانا.
يازسام-يازسام پۈتمەيدۇ داستان،
شەرپىڭگە مەدىھيە ئانا!
مەرھابا- kar-laylisi
| 168 قېتىم كۆرۈلدى | مەرھابا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-8 21:35:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|