قىز بولۇپ يارالدىم گۇناھىم نېمە؟
شەبنەم
ھەركۈنى كۆرىمەن شېئىر -قوشاقنى،
قىزلارنى سۆككەن نۇرغۇن ئەسەرنى.
ئەلەمدە ئۆرتىنىپ ئاچچىق كۈلىمەن ،
قىز بولۇپ يارالدىم گۇناھىم نېمە؟
قىز دىگەن مىللەتنىڭ،يۇرتنىڭ ئانىسى،
ئەركەكلەر ئۇنىڭكى ھايات ھامىيسى .
بار تىلنى ئىشىتىپ تىللايسەن ئۇنى،
كۆرمەيسەن ئۆزۈڭدە مەۋجۇت ئىللەتنى.
كىم ئاۋال ئاپاردى ئۇنى قاۋاققا،
كىم ئاۋال كۆندۈردى ئۇنى ھاراققا.
مىللىيچە كىيىم كىيىپ بارسا سورۇنغا،
كىم ئاۋال ئازاق قىپ قويدى ئىزاغا.
بەس ئەمدى يىتەرلىك بولدى ھەممە سۆز،
ھەممىدىن قۇسۇرلا ئىزدەيدۇ جۈپ كۆز.
لەنەت دەپ بەزىدە مىڭنى تىللايمەن،
چۇنكى مەن ئۆزۈم بىگۇناھ بىر قىز.
ئاڭلاپ تۇر بىز ئەمەس ئالتۇننىڭ قۇلى،
ۋەياكى ئازغىنە پۇلۇڭنىڭ قۇلى.
ئۆزۈڭنى ئۈستۈن بىزنى پەس كۆرمە،
بار بىزدە يەنىلا نوزۇگۇم روھى .