ئاياللار (شېئىر) - تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

 ئاياللار

تاھىر مۇھەممەد مەشئەلى

بۇ دۇنيانىڭ زىننىتى گۈلىستانى ئاياللار.
مىللەتنىڭكى  ئانىسى شەرەپ-  شانى ئاياللار.
ئۇلار بولغاچ بۇ دۇنيا گۈزەللىككە چۆمۈلگەن،
ساداقەتنىڭ ۋاپانىڭ خان سۇلتانى ئاياللار.

ئايال دېگەن ئەسلىدە ئايالغۇچى دېمەكتۇر.
تۇرمۇشىڭنىڭ  باھارى خوش پۇراقلىق چېچەكتۇر
ئۇنى  خارلاش ئەلۋەتتە زالالەتتىن دېرەكتۇر،
جۇدۇن باسسا ئۆيۈڭنىڭ ھەم  چوغدانى  ئاياللار.

تۇغۇلغاندەك جاپاغا، بىكار تۇرماس كۈنۈ- تۈن.
ئۇبولمىسا چىقمايدۇ تۇرخۇنۇڭدىن ھېچ تۈتۈن.
يالغۇزلۇقتانە بەرىكەت، نېنىڭ بولماس ھەم پۈتۈن.
چارچاپ قالساڭ يۆلەكتۇر كۈچ دەرمانى ئاياللار.

سەن تالادا خاتىرجەم ئايالىڭ بار ئۆيۈڭدە.
ئوتتا كۆيسەڭ تەڭ كۆيۈپ تەڭ ئاقىدۇ سۈيۈڭدە.
ساداقەتتۇرمىزانى داغ  تەگكۈزمەس  يۈزۈڭگە.
ۋاپا ئەھدى بابىنىڭ قۇربانىدۇر ئاياللار.

ئاياللارنى خارلىغان ئەركەك ئەمەس ئەر  ئەمەس.
يەتكىن ئۇنىڭ ھالىغا بولغىن  ھەردەم ھەمنەپەس.
ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچسۇن  بولۇپ قالمىسۇن قەپەس.
بەختى كۈلگەن تۇرمۇشنىڭ پاسىبانى ئاياللار.

سەن بولغاچقا سۇنمايدۇ بۇ ھاياتنىڭ قىممىتى.
سېنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ ئاشار-شانۇ  شۆھرىتى.
سەن تەۋرەتكەن بۆشۈكتىن چىقار ئەلنىڭ بەرىكىتى.
يىغىپ ئېيتسام مىللەتنىڭ ساپ  ۋىجدانى ئاياللار.

ئاپتور غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن
2017-3-4
     





154 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 16:57:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-3 5:29:53 مۇساجان
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. قەلىمىڭىز تېخىمۇ ئۆتكۈر بولسۇن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ