ئاپپاق كۆڭۈل
ئېزىزجان تۇرسۇن(ئەلباش)
سىغار ئىكەن ئاق كۆڭۈلگە پۈتۈن دۇنيامۇ ،
خۇددى سىغقاندەك دۇنياغا،قىيا-تاغلارمۇ.
توپا چاچماس ئاپپاق كۆڭۈل بىراۋ ئېشىغا ،
شۇڭا قۇچاق ئاچار ئاڭا يېشىل باغلار مۇ.
ئاپپاق كۆڭۈل،ۋىجدانغا باي سۇلماس كۆڭلۈل،
ئاپپاق كۆڭۈل،ئاسماندا ئاي ئۆلمەس كۆڭۈل .
چىللىمايدۇ ئەلگە تەشۋىش،تىلەر ياخشىلىق ،
ئاپپاق كۆڭۈل،ئەلسىز يالغۇز كۈلمەس كۆڭۈل .
ئاپپاق كۆڭۈل قارايمايدۇ لايدا ياتسىمۇ ،
ھەتتا يوقسىزلىق دەردىدە قاننى ساتسىمۇ .
ئاپپاق كۆڭۈل تارايمايدۇ دۇنيا تاپسىمۇ ،
شانۇ-شاۋكەت ئىلكىدە خان بوپ ياتسىمۇ .
ئاپپاق كۆڭۈل،تىپىلغۇ سىز ئالتۇن كۆڭۈل ،
ئاپپاق كۆڭۈل،مېھرى ئىسسىق يالقۇن كۆڭۈل .
ئازاسى يوق،جازاسى يوق ،قاراسى يوق،
ئاپپاق كۆڭۈل،نۇرى ئۆچمەس يارقىن كۆڭۈل.
2016-9-19
ئېزىزجان تۇرسۇن(ئەلباش)
2323202986
| 114 قېتىم كۆرۈلدى | ئېزىزجان تۇرسۇن(ئەلباش) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-12 0:50:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|