كەچۈرگىن شېئېر - ئۇيغۇربـــــېـــــك

 كەچۈرگىن شېئىر
         
 ئۇيغۇربـــــېــــك

بىر مۇنچە قاپىيە ئۇيۇنى ئويناپ،
قەلبىمنى ئىزھارقىپ ئۆتمەكچى بولدۇم.
يىتەلمەي شېئىرنىڭ سىرىنى ئويلاپ،
ئۆزۈمچە مىسرالار پۈتمەكچى بولدۇم.

مىسرالار مەسخىرە قىلسىمۇ كۈلۈپ،
يانمىدىم خىيالى قۇرۇق ھەۋەستىن.
ۋاي تېخى شائىرمەن خىياللار سۈرۈپ،
چىقالماي قاپىيە دېگەن قەپەستىن.

مۇھاببەت ،ۋىجداننى قۇيۇپ رەنىگە،
ۋەز ئېيتىپ ھەممىگە«ۋىجدانلىق»بولدۇم.
داغ سۈرتۈپ شېئىرنىڭ ئۇلۇغ شەنىگە،
مەنمەنچى چېيىغا مېھمانلىق بولدۇم.

ئىشتىياق، باغلىدى مېنى قەلەمگە،
كەچۈرگىن ئەي شېئىر مېنى كەچۈرگىن.
يازغىنىم باشلىدى سېنى ئەلەمگە،
ئۆلتۈرگىن ئەي شېئىر مېنى ئۆلتۈرگىن.





46 قېتىم كۆرۈلدى uyghurbek ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-17 19:11:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ