بۆرتېكىننى ياندىن بايان
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن
مەن بۆرتېكىننى ياندىن كۆزەتتىم،
ئوخشايتى ئۇ گويا خىلۋەت ئارالغا،
ئۈستدىن كەتمەيتى قۇيۇق ئىس-تۈتەك.
يۈركىنىڭ چوڭقۇر تېگىدە قاينايتى ۋولقان،
بەزىدە چاچراپمۇ قوياتتى قىلىقى گۆدەك .
بەزىدە شۇنچىلىك گوللامچى ئىدى ،
ئۆزىنى يالغاندىن ئالداپ كۈلدۈرگەن .
يەنە بەزىدە شۇنچىلىك رەزىلمۇ ئىدى ،
سۆيگۈسىنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆزى ئۆلتۈرگەن .
ھايات سەھنىسدە ئوينايتى كۆپ رول ،
بەزىدە شاھ بولسا يەنە بەزىدە قۇل .
شۇندىمۇ ئۇ تۇرمۇشتىن رەنجىگىنى يوق ،
خوش بولسا كۇپايە كۆڭلى شۇندا توق .
بىراۋنىڭ سۆزىگە كىرمەيتى ئەسلا ،
دەيتى:مىنىڭ راس باشقىسى قۇرۇق .
بىلمەيتى ئۇ پەقەت كۆڭۈل ئاياشنى ،
ئەيىپىنى سۆزلەيتى سىرلىرى ئۇچۇق .
ماختاپمۇ قوياتتى يارەنلەر ئۇنى ،
ھەممىگە باراۋەر قوللۇرۇڭ ئۇچۇق .
بىلمەيتى ئۆگەندى قانداق ياشاشنى ،
ئۆزگىنىڭ كۆڭۈلىنى قانداق ئاياشنى ،
تۇرمۇشنىڭ قىززىقى كۆيدۈردى تاپان .
ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ كىلەتتى قاۋان ،
سۆزلىدىم بۈگۈن ئۇنىڭ ئەتمىشلىرىنى .
بەس ئەمدى توختىسۇن ياندىن بايان.
| 34 قېتىم كۆرۈلدى | abdu4745 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-20 3:08:54 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|